ئاندرويىد دەرسلىكى تۈزتىلگەن نۇسخىسى . ئۇيغۇرچە

2015-03-09 09:06:26 -0400
ئاندرويدنى 0 دىن باشلاپ ئۆگەنگۈچىلەرگە ئەڭ ياخشى ماتىريال . مەزكۇر ماتىريالدىن پايدىلنىپ ئۆزىڭىز ئوتتۇرھال سەۋيەدىكى ئەپلەرنى ياساپ چىقالايسىز . مەزكۇر دەرسلىك مەخسۇس درەسلىك بۇلۇپلا قالماي يەنە پايدىلنىش ماتىريالى ئورنىدا قوللىنىشقا باب كىلىدۇ . ئۆگىنىش ئاسان چۈشۈنىش قۇلاي . دەرسلىكنىڭ تىلى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بۇلۇپ تىل بىلمەسلىك سەۋەبىدىن قىينىلىپ قالمايسىز . پەقەت ئۇيغۇر تىلىنى بىلسىڭىزلا بىمالال ئاندويىد ئەپلىرنى ياساشنى ئۆگىنەلەيسىز . مەزكۇر ماتىريالنىڭ تارقىتىش ھوقۇقى (ئۇيغۇر) غا تەۋە . سېتىشقا ياكى ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن شەخسى ئىقتسادى مەنپەئەتكە ئىرشىش ۋاستىسى قىلىشقا بولمايدۇ . مەزكۇر دەرسلىك تۈزگىچى ئاپتورنىڭ مەقسىدى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئازراق بولسىمۇ ئۆز بىلىمىنى يەتكۈزۈش ۋە ئارزۇسى بۇيىچە كەلگۈسىدىكى (ئۇيغۇر رەقەم ئىمپىريىسى) نىڭ دۇنياغا كىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىش .
ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر ياشلىردىن كۈتىدىغىنى : ھەرقاچان ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، شەخسىيەتسزلىك بىلەن ئۆز ئارا بىركىپ ، قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئىجادىيەتكە سەرپ قىلىشىنى ۋە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشىنى ، بارلىق مۇھاببىتىنى ئۆز قەۋمىدىكى قېرىنداشلىرغا باغلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ .
ياشلىق ناھايتى قىسقا جەريان . بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىشلىرمىز پۈتۈن ھاياتىمىزدىكى ئەڭ يارقىن نوقتا بۇلىدۇ .
سىز مەيلى ئاددىي دىھقان بۇلۇڭ ياكى يۇقىرى ئىلىم يۇرتلىردا ئىلىم ئېلىۋاتقان سىتودىنت بۇلۇڭ . ۋە ياكى ئائىلىڭىزدە پەرزەنتلىرڭىزنىڭ ئوتىدا كۈيىۋاتقان ئائىلە ئايالى بۇلۇڭ ، ۋە ياكى ياشلىقنىڭ جۇشقۇنلىقىنى نامايەن قىلىۋاتقان ۋە مۇھاببەتلىك دۇنيادىكى رەڭگارەڭ گادرماچ تۇرمۇشنىڭ رىتىمىدا ياشاۋاتقان ئۇماق قىز بۇلۇڭ ، ياكى ئاتا ئانا ۋە ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئېلىپ جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىردا جاپالىق كۈرەش قىلىۋاتقان يىگىت بۇلۇڭ ، سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چىقىش يۇلىڭىز چۇقۇم ئىزدىنىش …
ئىزدىنىش …
مەڭگۈ ئىزدىنىش .
ئەگەر ھازىرقى زاماننىڭ ئەڭ يارقىن ، ئەڭ كۈچلۈك ، ئەڭ قالتىس ، ئەڭ ئالاھىدە ، ئەڭ ئۇزۇن جەريانى بولغان سۈنئىي ئەقىل ئىدراك تېخنىكىسى (كومپيۇتېر تېخنىكىسى) نى تاللاپ ئىزدەنسىڭىز ئېنىقكى ھەرگىز ئەجىرڭىز بىكا كەتمەيدۇ . كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز . قولىمىزدىكى يانفۇن ، كومپىيۇتېر، تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتتى ، بىزنى ئۆزگەتتى ، بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى ئۆزگەرتتى ، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان تەبىئەت دۇنياسىنى يەنىمۇ چۇڭقۇر چۈشىنىشىمىزگە ، ئىلىمنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەردى …
سۈنئىي ئەقل ئىدراك بىزنىڭ كونتروللىقىمىزدا ياكى بىزنىڭ ئارزۇيىمىزنىڭ كونتروللىقىدا بولىدىغان ھەقىقى سادىق ۋە قابىل قۇل . بىز ئۈچۈن يەنى ئىنسان ئۈچۈن ھەر ۋاقىت خىزمەت قىلىدىغان . ئاجايىپ ماسلىشىشچان ياردەمچى . …
مانا مۇشۇنداق قالتىس بىر كۈچ بىز ئۈچۈن كۆپ خىزمەت قىلسا ئېنىقكى سىز ، مەن ، ئۇ ، ھەمىمىز كۈچلىنىمىز . بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىز ۋە ئىمتىيازىمىز دەل بىزنىڭ مۇشۇنداق قالتىس قۇرالغا قانچىلىكىمىزنىڭ ئىرشكەنلىكى ۋە ئىشلىتەلىگەنلىكى بىلەن بەلگىلىنىدۇ .
«Newer      Older»

----Comments(6)----
kaysar55 (@kaysar55) | @ at 2016-03-21 14:57:
darislikni nadin quxrmiz
云落君 (@tianx) | @ at 2015-06-12 06:59:
看不懂
تۇدىمەمە (@xabnam) | @ at 2015-03-27 07:55:
كودنىيوللاپ بەرمىدىڭىزغۇ قېرىندىشىم
تۇدىمەمە (@xabnam) | @ at 2015-03-26 04:31:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ياردەم قىلغاندىن كىين ئاخىرغىچە قىلىڭە يىڭى يوللانمىلار باشقۇرۇش قاتارلىق بەت ئاستى كودلىرىنىىمۇ يوللاپ بىرىڭە ھەراس بايا يوللاپ بەرگەن كودىڭىزنىڭ باش بەت ئاخىرقى بەت دىگەن خەنچە خەتلەرنى قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرىمز
تۇدىمەمە (@xabnam) | @ at 2015-03-25 02:22:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ماڭا ئالدىنقى كىيىنكىى ئاخىرقى بەت
يىڭى يوللانمىلار تەڭشەش
قاتارلىق بەت ئاستىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىدىغان كودلار لازىم بوپ قالدى شۇڭا سىز بۇئۇچۇرنى كۆرگەن ھامان مىنىڭ بېتىمگە كىرىپ سۆزقالدۇرۇش بېتىگە كودنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويغان بولسىڭىز
ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىىز قېرىندىشىم
ئۇيغۇر ي (@altun) | @ at 2015-03-09 10:46:
دەرسلىك تۈزگىچى مەن . ئەگەر دەرسلىككە قارتا پىكىر تەكلىپىڭلا بولسا خەت قالدۇرساڭلا بۇلىدۇ . ۋاختىم چىققاندا چۇقۇم خەت قايتۇرمەن
Comment:
Name:

Back to home

Subscribe | Register | Login | N